跳至正文

吃腰子可以补肾吗

بۆرەككاۋىپى بۆرەكنى قۇۋۋەتلەمدۇياكىبۆرەكنى زەخىملەندۈرەمدۇ؟

كونىلاردا نېمە يېسە شۇ تولۇقلىنىدۇ دېگەن گەپ بار، خەلق ئارىسىدا ھايۋانلار بۆرىكىنى كۆپ يېسە بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا نۇرغۇن ئەر دوستلاربۆرەكنىقاقلاپ پىشۇرۇپيېيىشنىياخشى كۆرىدۇ. لېكىن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەسلىدىنلا بۆرەك كېسىلى ياكى بۆرەك ئىقتىدارىناچاربولغانكىشىلەر ھايۋانات بۆرىكىنى ئىستېمال قىلىشتا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك ئىكەن، بولمىسا بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەملىكەتلىك داڭلىق دوختۇرلار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ جىۋېن مۇنداق دەيدۇ: ھايۋانات بۆرىكىدە ئەرلىك ھورمۇن ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى بار بولۇپ، خەلق ئارىسىدا بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ، دەپ قارىلىدۇ، لېكىن ئەمەلىي ئۈنۈمى ئىلمىي تەتقىقات ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان. بۇنىڭدىن باشقا، نۇرغۇن رايونلاردا يېمەكلىك بۇلغىمىلىرى توغرىسىدا خەۋەر بېرىلگەن، ھايۋانات بۆرىكى تەركىبىدىكى ئېغىر مېتاللار، مەسىلەن، كادمىي، قوغۇشۇننىڭ مىقدارى ئالاقىدار چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. ئەگەر دائىم بۆرەككاۋىپى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا، ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ئېغىر مېتاللار ۋاقتىدا سىرتقا چىقىرىلماي، ئەكسىچە كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىپ، بۆرەك ۋە كۆپىيىش سىستېمىسىغا زىيان يەتكۈزىدىكەن.

شۇڭا، ئەسلىدىنلا بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ياكى بۆرەك ئىقتىدارى ناچاربولغانكىشىلەر دائىم ھايۋانات بۆرىكىنى يېمەسلىكى كېرەك، چۈنكى بۇ خىل كىشىلەر توپى يېمەكلىكتىكى ئېغىر مېتاللارنى ياخشى ئالماشتۇرالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايۋانات بۆرىكىدىكى خولېستېرىن مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۆرەك ئىقتىدارى كۈچەيمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە زىيانغا ئۇچرايدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، جۇڭگو تېبابىتىدە بۆرەكنىڭتۇغمائالاھىدىلىكى ئۇرۇق ساقلاپ،كۆپىيىش. ئەگەر بۆرەك ئاجىزلىسا، پۈتۈن بەدەندىكى قان ئايلىنىش سۇسلىشىپ، ئوزۇقلۇق ماددىلارنى ئادەم بەدىنىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىغا يەتكۈزۈپ بېرىشكە مادارى يەتمەي، باش قىسمىدىكى تۈك خالتىسى ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلمەي، ئاستا-ئاستا يىگىلەپ، چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قارىغۇلارچە بۆرەك قۇۋۋەتلەش سالامەتلىككە بىر قىسىم ناچار ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن ئېغىز قۇرۇش، قان بېسىمى ئۆرلەش، ئىچى تىتىلداش، ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلار. بۆرەك زەئىپلەشكەن تەقدىردىمۇ، بۆرەكنىڭ مەنپىيلىكى ئاجىزلايدۇ. بۇ ئىككىسىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە كېسەللىك قوزغىلىش مېخانىزمى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر بۆرەك مەنپىيلىكى ئاجىزلىسا، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان، باھنى كۈچەيتىدىغان دورا ئىشلىتىلسە، بۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانغا ئوخشايدۇ؛كېسەلنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا چاچنى چۈشتىدەپ ، قارىغۇلارچە بۆرەك قۇۋۋەتلەشئاقىلانە بولمىغان قىلمىش.

标签: